ۋۇچىچ سېربىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر ۋۇچىچ، دۆلىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش يولىغا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى، ئەمما، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا قوشۇلۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1941944
ۋۇچىچ سېربىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇچىچ، سېربىيە مەجلىسىنىڭ كوسوۋو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن فىرانسىيە – گېرمانىيە پىلانىنى ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىش يىغىنىنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا جەريانىدا، دۆلىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش يولىدا مېڭىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «سېربىيە ناتوغا قوشۇلۇشنى خالىمايدۇ. سېربىيە ھەربىي بىتەرەپلىكىنى ساقلاپ قېلىش ۋە كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ياۋروپاغا ماسلىشىش بىلەن ئاتلانتىك تەشكىلاتىغا ماسلىشىش ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بار» دېدى.

ۋۇچىچ ئۆزىنىڭ ھەرگىزمۇ ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى، ئۆزى ئۈچۈن مۇھىم بولغىنىنىڭ سېربىيەنىڭ «ھايات قېلىشى ۋە تەرەققىياتى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

سېربىيەنىڭ كوسوۋونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)غا ئەزا بولۇپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋۇچىچ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشنى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش يولىدا ئىلگىرىلەۋاتقان كوسوۋو بىلەن سېربىيەدىن ئۆزئارا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

سېربىيە 2008-يىلى بىر تەرەپلىمە ھالدا مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان كوسوۋونى ئۆزىنىڭ زېمىنى دەپ قارايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر