پېرۇدا مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈش تەلىپى رەت قىلىندى

پېرۇ پىرېزىدېنتى دىنا بولۇارتېنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈش چاقىرىقى، دۆلەت كونگرەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بېلەت تاشلاشتا يەنە بىر قېتىم رەت قىلىندى.

1941045
پېرۇدا مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈش تەلىپى رەت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېرۇ كونگرەسىدە پىرېزىدېنت دىنا بولۇارتېنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈش چاقىرىقى ئاۋازغا قويۇلدى. چاقىرق 68 ئاۋازنىڭ رەت قىلىشى، 54 ئاۋازنىڭ قوللىشى ۋە ئىككى ئاۋازنىڭ ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشى بىلەن ئىككىنچى قېتىم رەت قىلىنغان بولدى.

پىرېزىدېنت دىنا بولۇارتېنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈش چاقىرىقى 28-يانۋار كونگرەدە ئاۋازغا قويۇلغان ۋە رەت قىلىنغان ئىدى.

ئامېرىكان دۆلەتلىرى تەشكىلاتى (OAS) پېرۇ دائىرىلىرىگە خىتاب قىلىپ، سايلاملارنى پات ئارىدا ئادىل، ئەركىن ۋە ئوچۇق-ئاشكارا مۇھىتتا ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

پېرۇدا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، پايتەختنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن شەھەرلەردە، نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار توقۇنۇشتى.

پېرۇ خەلقى سابىق پىرېزىدېنت پېدرو كاستىللونىڭ 7-دېكابىردا (2022) كونگرە تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، نامايىش قىلىشنى باشلىغان ئىدى.

نامايىشچىلار، ھازىرقى پىرېزىدېنت بولۇارتېنىڭ ھوقۇقىدىن ئىستېپا بېرىشىنى، مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈشنى ۋە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان سابىق پىرېزىدېنت پېدرو كاستىللونىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

پېرۇ تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، 11-دېكابىر باشلانغان نامايىشلاردا ھازىرغىچە 64 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 1700 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر