دونالد ترامپ: «ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى تۇرالايدىغان بىر رەھبەرگە ئېھتىياجى بار»
ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 2024 - يىللىق پىرېزىدېنت سايلىمى سەپەرۋەرلىكىنى باشلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2024-يىللىق پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا نامزات بولغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ سىياسەتچىسى دونالد ترامپ سايلام سەپەرۋەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نۇتۇقىنى نېۋ ھەمپشىردە چاقىرىلغان پارتىيەسىنىڭ يىللىق يىغىنىدا ۋە جەنۇبىي كارولىنا ئىشتاتىنىڭ مەركىزى كولومبىيەدە سۆزلىدى.
ترامپ 2024-يىللىق سايلام ئۈچۈن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا «تېخىمۇ ئىرادىلىك ۋە غەزەپكە تولغان» ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ھەمدە چوڭ يىغىلىشلارنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «چۈنكى سايلىغۇچىلاردا بىز ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان بىر روھ بار» دېدى.
ترامپ پىرېزىدېنتلىق دەۋرىدە يولغا قويغان سىياسەتلىرىنى مىسال كەلتۈرۈپ، ھازىزقى پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ چېگرا، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلدى.
ترامپ: «2024-يىللىق سايلام دۆلىتىمىزنى قۇتقۇزۇشتىكى بىردىنبىر پۇرسىتىمىزدۇر» دېدى ۋە «ئامېرىكا سولچىل ئىدېئولوگىيەلەر، يەر ئاستى دۆلەت، ئاخبارات ۋە خىتايغا قارشى تۇرالايدىغان بىر رەھبەرگە ئېھتىياجلىق» دېگەن قارىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
دونالد ترامپ 2017 – يىلىدىن 2021 - يىللىرىغىچە پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ۋە ئالدىنقى يىلى (2022) 16 - نويابىردا 2024-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا ئۆزىنىڭ نامزاتلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
2024-يىللىق سايلام ئۈچۈن ھازىرقى پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭمۇ نامزاتلىق ئىلتىماسىنى 7–فېۋرالدا تاپشۇرىدىغانلىقىنى «ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر» نۇتۇقىدىن بۇرۇن ئېلان قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.