ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى ئېتىراپ قىلدى

ئۆيىدە دۆلەتكە تەۋە «مەخپىي ھۆججەتلەر» تېپىلغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە بۇ مەسىلىدە تولۇق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقىنى ئېيتتى.

1939021
ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېنس، فلورىدا ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىتىكى بىر پائالىيەتتە قىلغان سۆزىدە، ئۆيىدە مۇئاۋىن پىرېزىدېنت دەۋرىدە «مەخپىي ھۆججەتلەر» نىڭ تېپىلغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بۇ مەخپىي ھۆججەتلەر مېنىڭ شەخسىي تۇرالغۇمدا بولماسلىقى كېرەك ئىدى. خاتالىق سادىر بولدى، مەن تولۇق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالىمەن.»

ئۇ، مەخپىي ھۆججەتلەرنى مۇۋاپىق قوغداشنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى، ھەمدە پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ شەخسىي ئىشخانىسى ۋە تۇرالغۇسىدا مەخپىي ھۆججەتلەر تېپىلغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي خاتىرىلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

پېنس، «مەخپىي ھۆججەتلەر» تېپىلغاندىن كېيىن، دەرھال دۆلەتلىك ئارخىپ ئىدارىلىرى، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش بىيورۇسى ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىغا خەۋەر قىلغانلىقلىرىنى بايان قىلدى.

ئۇ، مەسلىھەتچىلىرىنىڭ بۇ ئورگانلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى، ھەمدە ئۆزىنىڭ بۇ ھۆججەتلەرنىڭ بارلىقىدىن خەۋىرىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر