ناسا بىلەن پېنتاگون ئالەم ئىشلىرىدا ئۆزئارا ھەمكارلىشىدۇ

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى-ناسا (NASA) بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (بەش بۇرجەكلىك بىنا، پېنتاگون) مارس ۋەزىپىسى ئۆزئارا ھەمكارلىشىدۇ.

1937831
ناسا بىلەن پېنتاگون ئالەم ئىشلىرىدا ئۆزئارا ھەمكارلىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىگىلىنىشچە، ناسا بىلەن پېنتاگونغا قاراشلىق ئىلغار مۇداپىئە تەتقىقات لايىھە پىروگراممىسى (DARPA)، مارس ۋەزىپىسى ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان يادرو ئىسسىقلىق راكېتاسىنىڭ موتورىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قوشۇلغان.

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ئىلغار مۇداپىئە تەتقىقات لايىھە پىروگراممىسى بىلەن ئاي شارى ۋە يەر شارى ئوتتۇرىسىدىكى تېز سۈرئەتتە مەشغۇلات قىلالايدىغان راكېتانى ئۆز ئىچىگە ئالغان پىروگرامما (DRACO) ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورنىتىلىدىكەن.

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بىل نېلسون (Bill Nelson): «بىز يادرو ئىسسىقلىق تارقىتىش تېخنىكىسىنى بالدۇر بولغاندا 2027-يىلغىچە ئۇزۇن يىللىق ھەمراھىمىز DARPA بىلەن ھەمكارلىشىپ، تەرەققىي قىلدۇرىمىز. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بۇ يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق ئالەم بوشلۇقىغا ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېز كېلىپ-كېتىدۇ» دېدى.

ئۇ ھەمكارلىق دائىرىسىدە، ناسانىڭ ئالەم تېخنىكىسى مۇدىرلىقىنىڭ راكېتا موتورىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى، DARPA نىڭ رېئاكتور ۋە موتورنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقارغاندىن باشقا، پۈتكۈل جەرياننى باشقۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

DARPA نىڭ دىرېكتورى، دوكتور ستېفانې تومپكىنس (Stefanie Tompkins) ئىككى ئورگاننىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ ھەمكارلىقنىڭ ئالەم تېخنىكىسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ DRACO نىڭ ئاي شارىغا ماتېرىياللارنى تېز يەتكۈزۈشتە موھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، كەلگۈسىدە بۇ پىروگرامما ئارقىلىق كىشىلەرنى مارسقا ئېلىپ بېرىشنىڭ ئېھتىماللىق دائىرىسىدە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكانىڭ ئەڭ ئاخىرقى يادرو ئىسسىقلىق راكېتا موتورى سىنىقى 50 نەچچە يىل ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر