ستولتېنبېرگ بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا پىرېزىدېنت كېڭىشىنىڭ ئەزاسى دېنىس بېكىروۋىچ بىلەن كۆرۈشتى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ناتو قارارگاھىدا، بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا پىرېزىدېنتلىق كېڭىشىنىڭ بوشناق ئەزاسى دېنىس بېكىروۋىچ بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

1933634
ستولتېنبېرگ بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا پىرېزىدېنت كېڭىشىنىڭ ئەزاسى دېنىس بېكىروۋىچ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو قارارگاھى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ رايوندا مۇقىملىقنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى، بۇنىڭ ناتغا نىسبەتەن ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملىق ئىسلاھاتقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلغان، ھەمدە ھەر دەرىجىلىك كۆپ مىللەتلىك ئورگانلارنى ساقلاپ قېلىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئىككى رەھبەر، يامان غەرەزلىك چەت ئەل پائالىيەتلىرىگە زېمىن ھازىرلاپ بېرىدىغان بۆلگۈنچىلىك خاراكتېرلىك سۆز – ھەرىكەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەندىشەلەرھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

باش كاتىپ ستولتېنبېرگ يەنە، بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادىكى بارلىق سىياسىي رەھبەرلەرنى بۆلگۈنچىلىك خاراكتېرلىك باياناتلاردىن يىراق تۇرۇشقا ۋە ئىچكى يارىشىش ئۈچۈن كونكرېت قەدەملەرنى تاشلاشقا چاقىرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر