خىتاي نوپوسى ئازايغان، ئىقتىسادى چېكىنگەن

خىتاي نوپۇسى 2022-يىلى 850 مىڭ كىشى ئازىيىپ، 1961-يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق تۆۋەنلەش كۆرۈلدى.

1933721
خىتاي نوپوسى ئازايغان، ئىقتىسادى چېكىنگەن
çin ekonomisi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي مەملىكەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى دۆلەت نوپۇسىنىڭ 1 مىليارد 411 مىليون ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

خىتايدا تۇغۇت نىسبىتى مىڭ كىشى ئىچىدە 6.77، ئۆلۈم نىسبىتى مىڭ كىشىدە 7.37 بولۇپ، خىتاينىڭ دۇنيادا «نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت» دېگەن ئۇنۋانىنى، بۇ يىل (2023) ھىندىستانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

خىتايدا بىر پەرزەنتلىك بولۇش پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئىلگىرىكى يىللاردا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، تۇرمۇش تەننەرخىنىڭ يۇقىرى بولۇشى سەۋەبىدىن ئائىلىلەر پەرزەنتلىك بولۇشتىن قاچماقتا.

خىتاي مەملىكەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان مەلۇماتلار، خىتاي ئىقتىسادىنىڭمۇ چېكىنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ئىقتىسادى 2022-يىلدا %3 ئاشقان بولۇپ، %5 لىك نىشاندىن خېلىلا تۆۋەن بولغان. خىتاي ئىقتىسادى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) پارتلىغان 2020-يىلدا %2.8 ئاشقان.

خىتايدا ئۆتكەن يىلى (2022) قاتتىق ئىجرا قىلىنغان ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك نۆل ۋەقە سىياسىتى، ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنى توختاپ قېلىش نۇقتىسىغا ئېلىپ كەلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر