نېپالدا تۈنۈگۈن چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسى تېپىلدى
نېپالدا چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ تېپىلغان قارا قۇتىسى ۋە ئاۋازلىق خاتىرىلىگۈچنىڭ بۇزۇلمىغان ھالەتتە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار مەسئۇللار 4 خادىم 72 يولۇچىنى ئېلىپ ئۇچقان قوش موتۇرلۇق «ATR 72» تىپلىق ئايروپىلانىنىڭ قارا قۇتىسى ۋە ئايروپىلان كابىنىسىدىكى ئاۋازلىق خاتىرىلىگۈچنىڭ بۇزۇلمىغان ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ناچار ھاۋارايى سەۋەبىدىن چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاندىن ھازىرغىچە 68 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى.
پوخارا ساقچىلىرى يەكشەنبە كۈنى قاراڭغۇ چۈشۈشى بىلەن ۋاقتىنچە توختاتقان ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى قايتىدىن باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
پايتەخت كاتماندۇدىن پوخاراغا ئۇچۇش جەريانىدا چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاندا 57 نېپاللىق، بەش ھىندىستانلىق، تۆت رۇسىيەلىك، ئىككى جەنۇبىي كورېيەلىك، بىر ئارگېنتىنالىق، بىر ئىرېلاندىيەلىك، بىر ئاۋستىرالىيەلىك ۋە بىر فىرانسىيەلىك ساياھەتچىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.