بۇركىنا فاسودا جامەگە قىلىنغان ھۇجۇم 9 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
بۇركىنا فاسونىڭ ساھېل رايونىدا بىر جامەگە قىلىنغان ھۇجۇمدا 9 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1932632
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىملىكى نامەلۇم قوراللىقلار، ساھېل رايونىغا جايلاشقان فالاگونتو ناھىيەسىدىكى بىر جامەگە «ناماز شام» ۋاقتىدا ھۇجۇم قىلغان.
ھۇجۇمدا ئىمامنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 9 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.