ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى رايونىغا قىلغان ھۇجۇمى ئەسناسىدا ئېغىر يارىلانغان پەلەستىنلىك 2 ياش ھاياتىدىن ئايرىلدى، 3 پەلەستىنلىك يارىلاندى.
1932169
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان قۇباتىيە رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدا، ئابدۇلھادى يۈسۈف ۋە ھابىب قۇمەيلى ئىسىملىك پەلەستىنلىك 2 ياش ئېغىر يارىلانغان ۋە جەنىن دۆلەت دوختۇرخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئەمما داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلغان.