ئامېرىكانىڭ بىرىنچى خانىمىنىڭ ئوپېراتسىيەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ رەپىقىسى جىل بايدىننىڭ بەدىنىدىكى راك خەۋىپى بار جاراھەتلەرنىڭ بايقالغانلىقى ۋە بۇ جاراھەتلەرنىڭ ئوپېراتسىيە قىلىنىپ ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1931872
ئامېرىكانىڭ بىرىنچى خانىمىنىڭ ئوپېراتسىيەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي ئېلان قىلغان باياناتىدا، 71 ياشلىق جىل بايدىن تېرە راكىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈشكە بارىدىغان ۋولتېر رېد دۆلەتلىك داۋالاش مەركىزىدە (Walter Reed)،  ئۇنىڭ ئوڭ كۆزى ۋە كۆكرەك قىسمىدا راكقا ئايلىنىش ئېھتىمالى بولغان جاراھەتلەرنىڭ بايقالغانلىقىنى قەيت قىلدى.

باياناتتا، جىل بايدىننىڭ جاراھەتنى يوقىتىش ئۈچۈن ئوپېراتسىيە قىلىنغانلىقى ۋە ئوپېراتسىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

9 سائەتلىك ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئاقسارايغا قايتىپ كەلگەن جىل بايدىننىڭ كەيپىياتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ دوختۇرخانىدا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئاقساراي دوختۇرى كېۋىن ئوكوننور (Kevin O'Connor) دوكلاتىدا، جىل بايدىننىڭ بەدىنىدىكى جاراھەتلەرنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تېرە راكىغا ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

دوختۇر كېۋىن ئوكوننور جىل بايدىننىڭ سول كۆزى قاپىقىدىكى ئۈچىنچى جاراھەتنىڭمۇ ئېلىنىپ، تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر