رۇسىيە 2023-يىلى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ ئىستراتېگىيەلىك ئايروپىلانلار، قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلاردىن تەركىپ تاپقان «ئۈچ يادرو قورالى» نى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1930680
رۇسىيە 2023-يىلى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ: «يادرو قالقىنى ئىگىلىك ھوقۇقىمىز ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنىڭ تۈپ كاپالىتىدۇر» دېدى.

 ئۇ موسكۋادا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىندا، 2023-يىللىق خىزمەتلەر ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ 2023-يىلىدا يېتىدىغان ئاساسلىق نىشاننىڭ، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كەڭ دائىرىلىك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئارمىيەمىزنىڭ ئۇكرائىنا ۋە سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەت تەجرىبىلىرىنى ئىزچىل ئانالىز قىلىپ، تەلىم-تەربىيە پىروگراممىلىرى ۋە ھەربىي ئۈسكۈنلەر بىلەن تەمىنلەش پىلانلىرىنى تەييارلاشتا پايدىلىنىشىمىز كېرەك.»

 ئۇ يەنە، رۇسىيەنىڭ «ئۈچ يادرو قورالى» دەپ ئاتىغان ئىستراتېگىيەلىك ئايروپىلانلار، قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ۋە سۇ ئاستى پاراخوتىدىن تەشكىللەنگەن ئىقتىدارىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «داۋاملىق ۈچ يادرو قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز ۋە ئۇرۇشقا تەييارلىق سەۋىيەسىنى ساقلاپ قالىمىز. يادرو قالقىنى ئىگىلىك ھوقۇقىمىز ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنىڭ تۈپ كاپالىتىدۇر» دېدى.

ئۇ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قابىلىيىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغان پىلانلىرىمىز ئارىسىدا زامانىۋى ھۇجۇم قوراللىرىدىن تەركىب تاپقان قورال-ياراغلىرىمىزنى كېڭەيتىشمۇ بار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر