نورۋېگىيە ئۇكرائىنانى ئۇزۇن مۇساپىلىك زەمبىرەك ئوقلىرى بىلەن تەمىنلىدى

نورۋېگىيە ئۇكرائىناغا 10 مىڭ دانە ئۇزۇن مۇساپىلىك زەمبىرەك ئوقى ئەۋەتتى.

1928498
نورۋېگىيە ئۇكرائىنانى ئۇزۇن مۇساپىلىك زەمبىرەك ئوقلىرى بىلەن تەمىنلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نورۋېگىيە مۇداپىئە مىنىستىرى بجۆرن ئارىلد گرام دۆلىتىنىڭ تېلېۋىزىيە قانىلى — NRK غا بايانات بېرىپ، ئۇكرائىنانىڭ مۇداپىئەگە ئىنتايىن موھتاج ئىكەنلىكىنى، شۇڭلاشقا بۇ دۆلەتكە 10 مىڭ دانە يىراق مۇساپىلىك زەمبىرەك ئوقى ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

نورۋېگىيەنىڭ 2022 – يىلى 24 – فېۋرال رۇسىيە ئۇرۇش ئاچقاندىن بۇيان ئۇكرائىناغا 600 مىڭ ياۋرو قىممىتىدە ھەربىي ياردەم ئەۋەتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان گرام: «بىز روسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشىغا يول قويمايمىز. نورۋېگىيە ئۇكرائىنانى قورال ۋە ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىدە خەلقئارا قانۇنغا ماس ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ» دېدى.

مىنىستىر گرام، نورۋېگىيە ئۇكرائىناغا ئەۋەتكەن زەمبىرەك ئوقلىرىنىڭ 30 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى نىشانغا زەربە بېرەلەيدىغانلىقىنى، بۇ ئوقلارنىڭ M109 تىپلىق ئۆزى ھەرىكەتلىنىدىغان زەمبىرەك سۇپىلىرىدىن قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر