جو بايدىن پاپا 16 - بېنېدىكتۇس ئۈچۈن تەزىيەنامە ئېلان قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ۋاتىكاننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ۋە كاتولىكلارنىڭ سابىق مەنىۋى داھىيسى ئېمېرىت پاپا 16 - بېنېدىكتۇس ئۈچۈن تەزىيەنامە ئېلان قىلدى.

1926167
جو بايدىن پاپا 16 - بېنېدىكتۇس ئۈچۈن تەزىيەنامە ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، بايدىننىڭ ئايالى جىل بايدىن ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كاتولىكلار بىلەن بىرلىكتە پاپا 16 - بېنېدىكتۇس ئۈچۈن ماتەم تۇتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، 16 - بېنېدىكتۇس ئۈچۈن «پىرىنسىپلىرى ۋە ئېتىقادىنىڭ يېتەكچىلىكىدە چېركاۋغا بىر ئۆمۈر ساداقەتمەن بولغانلىقى بىلەن داڭق چىقارغان ئىلاھىيەتشۇناس سۈپىتىدە ئەسلىنىدۇ» دېگەن ئىبارىلەر ئىشتىلدى.

پاپا 16 - بېنېدىكتۇس تۈنۈگۈن ۋاتىكاندىكى ماتېر ئېجلېسا موناستىرىدا 95 يېشىدا ۋاپات بولغان ئىدى.

ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىسمى جوسېف راتزىنگېر بولۇپ، كاتولىكلارنىڭ مەنىۋى داھىيلىقىغا سايلانغاندىن كېيىن «پاپا 16 - بېنېدىكتۇس» دەپ نام ئالغان ئىدى. ئۇ 2013 – يىلى پاپالىق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن بۇيان ۋاتىكاندا يالغۇز ئىبادەت بىلەن خىلۋەتتە ئۆتمەكتە ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر