ب د ت ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى قوغداش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك 2022 – يىلى 2 مىڭدىن ئارتۇق روھىڭيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ باڭلادېش ۋە بىرمانى تەرك ئەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1926008
ب د ت ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى قوغداش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋولكېر تۈرك، 200 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ بۇ يولدا قازا قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، رايوندىكى دۆلەتلەرنى روھىڭيا مۇسۇلمانلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ماسلاشتۇرۇش مىخانىزمى ئورنىتىشقا چاقىردى.

ئۇ، بىرماغىمۇ چاقىرىقتا بولۇپ، روھىڭيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ تولۇق ۋە باراۋەرلىك ھەق – ھوقۇقلارغا ئىگە پۇقرالار سۈپىتىدە، شان – شەرەپلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىنىشى، ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قايتىشى ئۈچۈن جىددىي ھەل قىلىش چارىسى تېپىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلى 8-ئايدىن كېيىن، ئاراكاندىكى مىللەتچى بۇددىستلارنىڭ بېسىمى ۋە زۇلۇم - سىتەملىرىدىن قېچىپ، باڭلادېشتىن پاناھلىق تىلىگەنلەرنىڭ سانى 900 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

ئىگىلىنىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، روھىڭيالىق مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى «ئېتنىك تازىلاش» ياكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر