ئەنگلىيەدە تۇرمۇش تەننەرخىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى، خان جەمەتىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتتى

پادىشاھ ئۈچىنچى چارلېز روژدېستۋا بايرىمىنى تەبرىكلەپ ئېلان قىلغان تېلېگراممىسىدا، دۆلەتتىكى مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىن ھېس قىلغان ئەندىشەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1923828
ئەنگلىيەدە تۇرمۇش تەننەرخىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى، خان جەمەتىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە پادىشاھى 3-چارلېز تەختكە چىققاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق روژدېستۋانى تەبرىكلەش تېلېگراممىسىنى ۋىندسور (Windsor) قەلئەسىدە ئېلان قىلدى.

ئۇ ئەنئەنىلەردىن دەل ئەكسىچە ئولتۇرۇپ ئەمەس، ئۆرە تۇرۇپ ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ تېلېگراممىسىنىڭ ئەڭ دىققەت تارتىدىغان يېرى تۇرمۇش تەننەرخىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى ئۈستىدە توختالغان بۆلۈم بولدى.

ئۇ دۇنيادىكى توقۇنۇشلار، ئاچارچىلىق ۋە تەبىئىي ئاپەتلەر سەۋەبىدىن ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، ئەنگلىيەنىڭ ناھايىتى تەس بىر يىلنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئىچىملىك سۇ، ئېلېكتر ھەققىنى تۆلىيەلمەيۋاتقانلارنى، يېمەك-ئىچمەك بانكاسىغا ئىلتىماس سۇنغانلارنى خاتىرىلىتىپ، بۇ ۋەزىيەتتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەنگلىيەدە 2022-يىلى نويابىردىكى پۇل پاخاللىقى %10.7 بولغان ئىدى.

ئەنگلىيەدە مال باھاسىنىڭ ئىزچىل ئۆرلىشى ۋە ئېنېرگىيە خىراجەتلىرىنىڭ كۆپىيىشى كىشىلەرنى قىينىماقتا.

ئەنگلىيەدە بىرىنچى قېتىملىق روژدېستۋانى تەبرىكلەش تېلېگراممىسى 1932-يىلى پادىشاھ 5-جورج تەرىپىدىن رادىيودا ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئايال پادىشاھ 2-ئېلىزابېت تەختكە چىققان 1952-يىلدىن بۇيان روژدېستۋانى تەبرىكلەش تېلېگراممىسى رادىيو ۋە تېلېۋىزوردا ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتە.

روژدېستۋانى تەبرىكلەش تېلېگراممىسى ئېلان قىلغان ئاخىرقى ئەر پادىشاھ 1951-يىلدا پادىشاھ 6-جورج بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر