بايدىن: لىۋىيەنى داۋاملىق قوللايمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن لىۋىيە خەلقىنىڭ ۋەزىيىتى مۇقىم، دېموكراتىك ۋە پارلاق كېلەچەك بەرپا قىلىشى ئۈچۈن لىۋىيەنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1923121
بايدىن: لىۋىيەنى داۋاملىق قوللايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە پىرېزىدېنت كېڭىشى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن، مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 71 – يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، لىۋىيە پىرېزىدېنت كېڭىشىنىڭ باش مىنىستىرى مۇھەممەد ئەلمەنفىگە مەكتۇپ يوللىغان.

ئۇ مەكتۇبىدا، لىۋىيە پىرېزىدېنت كېڭىشىنىڭ مىللىي يارىشىشقا چاقىرغان تىرىشچانلىقىنى ماختىغان ۋە ئۆزىنىڭ بۇ مۇھىم لايىھەدىن ئورۇن ئېلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا، لىۋىيە خەلقىنىڭ ۋەزىيىتى مۇقىم، دېموكراتىك ۋە پارلاق كېلەچەك بەرپا قىلىشى ئۈچۈن، لىۋىيەنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر