ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىر پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى نابلۇس شەھىرىگە بېسىپ كىرىپ، بىر پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى.

1922271
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىر پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىننىڭ «ۋافا» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى نابلۇس شەھىرىدىكى «يۈسۈف ماقام» رايونىغا قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە بېسىپ كىرگەن، ھەمدە بۇنىڭغا قارشى چىققان پەلەستىنلىك ياشلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە ئوق چىقىرىش ئارقىلىق مۇداخىلە قىلغان. بۇ جەرياندا بىر پەلەستىنلىك شېھىت بولغان، 4 پەلەستىنلىك يارىلانغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ باشلىرىدىن بۇيان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 224 كە يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر