پۇتىن خىزمەت كۆرسەتكەن ئەسكەرلەرگە قىرىم قاتارلىق جايلاردىن ھەقسىز يەر - زېمىن بېرىشنى قارار قىلدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، 24-فېۋرال باشلانغان ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەسكەرلەرگە قىرىم قاتارلىق جايلاردىن ھەقسىز يەر - زېمىن بېرىشنى قارار قىلدى

1921189
پۇتىن خىزمەت كۆرسەتكەن ئەسكەرلەرگە قىرىم قاتارلىق جايلاردىن ھەقسىز يەر - زېمىن بېرىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، 24-فېۋرال باشلانغان ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ خىزمەت كۆرسىتىپ شەرەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋە يارىلانغان ئەسكەرلەرگە موسكۋا، (بىر تەرەپلىمە ھالدا قوشۇۋېلىنغان) قىرىم ۋە سېۋاستوپولدىن ھەقسىز يەر بېرىش تەۋسىيە قىلىنغان قارارنى ئىمزالىدى.

رۇسىيە دۆلەتلىك قانۇن ئۇچۇرلىرى سىستېمىسىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە، پۇتىننىڭ ئارمىيەنى قوللاش ئۈچۈن قوشۇمچە تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پەرمانىغا ئورۇن بېرىلدى.

قاراردا، «ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت» كە قاتنىشىپ شەرەپ مېدالىغا ئېرىشكەن ۋە توقۇنۇشلاردا يارىلىنىپ مېيىپ بولۇپ قالغان ئەسكەرلەرگە موسكۋا رايونى، قىرىم ۋە سېۋاستوپولدىن ھەقسىز يەر بېرىش تەۋسىيە قىلىنىدى.

بۇنىڭدىن باشقا، توقۇنۇش جەريانىدا ياكى كېسەل سەۋەبىدىن «ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت» رايونىدا قازا قىلغان ئەسكەرلەرنىڭ تۇغقانلىرىغا ئىجتىمائىي ياردەم بېرىش پىلانلانماقتا ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، قارار تۈنۈگۈندىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر