ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسى بېلگىيەگە قارىتا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللاندى

ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسى خەلقئارالىق قوغدىنىش تەلىپىدە بولغان 160 ئەر پاناھلىق تىلىگۈچىگە پاناھلىق بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن بېلگىيەگە قارىتا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللاندى.

1920151
ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسى بېلگىيەگە قارىتا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، سېنتەبىر ئېيىدىن بۇيان،  يېنىدا ھەمراھ بولمىغان قۇرامىغا يەتمىگەن 58 بالا بىلەن قوشۇلۇپ، جەمئىي  832 كىشى، خەلقئارالىق قوغدىنىش تەلىپىدە بولغان. بۇلارنىڭ 160 ى ئىلگىرى بىريۇسسېل ئەمگەك تالاش-تارتىشلىرىنى ھەل قىلىش سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان ۋە ئۇلارنىڭ ئەرزى قوبۇل قىلىنغان. ئەمما بېلگىيە بىريۇسسېل ئەمگەك تالاش-تارتىشلىرىنى ھەل قىلىش سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارلىرىنى تېخىچە ئىجرا قىلمىغان.

ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسى، 31-ئۆكتەبىر، 15-نويابىر، 21-نويابىر ۋە 1-دېكابىر كۈنلىرى يۈزلىگەن كىشىلەرنىڭ ئىلتىماسى سەۋەبىدىن، بېلگىيەگە قارىتا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر