پاكىستان بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ھەمكارلىق كېلىشىملىرى ئىمزالاندى

پاكىستان ۋە تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدا سانائەت، بىلىم ۋە تېخنولوگىيە بىلەن سودا ۋە تەرەققىيات ساھەلىرىدە ئۆزئارا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى.

1919138
پاكىستان بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ھەمكارلىق كېلىشىملىرى ئىمزالاندى
tacikistan cumhurbaskani imamali rahman-sahbaz serif.jpg
tacikistan cumhurbaskani imamali rahman-sahbaz serif.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان دۆلەت تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئۈچۈن پايتەخت ئىسلامئابادقا يېتىپ كەلگەن تاجىكىستان پىرېزىدېنتى ئىمامئەلى راخمان، پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف بىلەن كۆرۈشۈپ، ئېنېرگىيە تورى، يېزا ئىگىلىكى، يېمەك-ئىچمەك تېخنولوگىيەسى، سودا، بىلىم ۋە تېخنولوگىيە ساھەلىرىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.

ئىككى رەھبەر كۆرۈشۈشتە يەنە، پاكىستان بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلارنىڭ كۈچەيتىلىشىنى تەكىتلىگەن.

پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف «CASA-1000» يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتر لىنيەسى قۇرۇلۇشىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتكۈزۈش ئۈچۈن پىرېزىدېنت راخمان بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سانائەت، بىلىم ۋە تېخنولوگىيە بىلەن سودا ۋە تەرەققىيات ساھەلىرىدە ئۆزئارا ھەمكارلىق كېلىشىملىرى ئىمزالاندى.

قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستاننىڭ توكىنى ئافغانىستان ئارقىلىق پاكىستانغا يەتكۈزىدىغان «CASA-1000» يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتر لىنيەسى قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەر 2016-يىلى باشلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر