ھىندىستاندا يۈز بەرگەن ماندوس قارا بوران ئاپىتى جەنۇبقا ئېغىر زىيان سالدى

ھىندىستاننىڭ جەنۇبىغا ئېغىر تەسىر  كۆرسەتكەن ماندوس قارا بوران ئاپىتى سەۋەبىدىن 5 كىشى  قازا قىلدى.

1917294
ھىندىستاندا يۈز بەرگەن ماندوس قارا بوران ئاپىتى جەنۇبقا ئېغىر زىيان سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ تامىل نادۇ ئۆلكىسىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن ماندوس بورىنىنىڭ سۈرئىتى سائىتىگە 75 كىلومېتىرغا يېتىپ، شىددەتلىك يامغۇرغىمۇ سەۋەب بولدى ۋە رايوندا توك ئۈزۈلۈپ، نۇرغۇن بىنالار زىيانغا ئۇچرىدى. يۈزلىگەن دەرەخ ئۆرۈلۈپ چۈشتى.

بوران كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەيرانچىلىقتا، تامىل نادۇ ئۆلكىسىدە 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. بوران ئۆلكە مىقياسىدا 185 ئۆي ۋە تۇرالغۇغا ئېغىر زىيان سالدى.

ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىلىرى 25 مىڭ كىشىنىڭ بوراننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ۋە رايوندا قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆلكىنىڭ پايتەخت چېنەي ئايرودرومىدا بولسا، 13 دۆلەت ئىچى ۋە 3 خەلقئارالىق بولۇپ، جەمئىي 16 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

ھازىرغا قەدەر ئۆيلىرىدىن تارقاقلاشتۇرۇلغان 9 مىڭ پۇقرا پاناھلىنىش مەركەزلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

ھىندىستان مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ باياناتىدا، ماندوس قارا بورىنىنىڭ قۇرۇقلۇققا يۈزلەنگەنسىرى ئاجىزلاۋاتقانلىقى، غەربىي جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقى  بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر