ياۋروپا پارلامېنتى تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى روبېرتا مېتسولا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رۇسىيەنى «تېررورىزمنى قوللايدىغان دۆلەت» دەپ ئېلان قىلىشىدىن كېيىن تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1910352
ياۋروپا پارلامېنتى تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پارلامېنتى رەئىسى روبېرتا مېتسولا ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ياۋروپا پارلامېنتى تور ھۇجۇمىغا دۇچ كەلمەكتە. بۇ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى كرېمىل سارىيىنى قوللايدىغان بىر گۇرۇپپا ئۆز ئۈستىگە ئالدى. دەرۋەقە، مۇتەخەسسىسلەر ھۇجۇمنىڭ ئالدىنى ئالدى. رۇسىيەنى <تېررورىزمنى قوللايدىغان دۆلەت> دەپ ئېلان قىلىشىمىزدىن كېيىن، بۇ ھۇجۇم يۈز بەردى. مېنىڭ بۇنىڭغا قارىتا جاۋابىم شۇكى، زەپەر ئۇكرائىناغا تەئەللۇقتۇر.»

فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا، رۇسىيەنى «ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋە زالىملارچە ھەرىكەتلەر» نى ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلەپ، «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەت» دەپ ئېلان قىلىش قارار لايىھەسى، 58 گە قارشى  494 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى بىلەن ماقۇللانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر