ھىندونېزىيەدىكى يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانىدا ئېشىش كۆرۈلدى

ھىندونېزىيەنىڭ غەربىي جاۋا ئىشتاتىدا 21-نويابىر (2022) يۈز بەرگەن 5.6 بال يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 271 گە چىقتى.

1910430
ھىندونېزىيەدىكى يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانىدا ئېشىش كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:   ھىندونېزىيە دۆلەتلىك ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئاگېنتلىقىنىڭ باشلىقى سۇخاريانتو غەربىي جاۋا ئىشتاتىدا يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئالتە ياشلىق بىر بالىنىڭ خارابىلىق ئاستىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ھازىرغىچە 271 كىشى قېنىدىن ئايرىلغان يەر تەۋرەشتە، ئەڭ ئاز دېگەندە 40 كىشىنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى، 2043 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ 100 نەپىرىنىڭ كىچىك بالا ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇ يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن تەخمىنەن 62 مىڭ كىشىنىڭ پاناھلىنىش جايلىرىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خادىملىرى، ساقچىلار ۋە پىدائىيلارغا ياردەم قىلىش مەقسىتىدە 12 مىڭ ئەسكەرنىڭ ئاپەت رايونىغا يېتىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەر تەۋرەشتە جىيانژۇردا 56 مىڭ 230 دىن ئارتۇق ئۆي، 31 مەكتەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 170 تىن ئارتۇق دۆلەت بىناسىنىڭ  بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى ھىندونېزىيەنىڭ غەربىي جاۋا ئىشتاتىغا قاراشلىق جىران جاڭ شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 18 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا يەردىن 10 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا 5.6 بال يەر تەۋرىگەنلىكىنى ئېلان قىلغا ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر