سولومون تاقىم ئارىلىدا 7 بال يەر تەۋرىدى

ئوكيانىيە دۆلىتى سولومون تاقىم ئارىلىنىڭ گۇئادالكانال رايونىدا 7 بال يەر تەۋرىدى.

1909160
سولومون تاقىم ئارىلىدا 7 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى (USGS) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پايتەخت خونيارانىڭ غەربىي جەنۇبىغا 57 كىلومىتىر كېلىدىغان جايدا شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 13.03 دە 7 بال يەر تەۋرىگەن.

سولومون تاقىم ئاراللىرى مېتېرولوگىيە ئىدارىسى 15 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە، دېڭىز تاشقىنى خەۋپى يوقلۇقىنى ئېلان قىلدى.

مەركىزى ھاۋايغا جايلاشقان تىنچ ئوكيان دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇش مەركىزى، خەتەرلىك دولقۇنلارنىڭ ئارال دۆلىتى قىرغاقلىرىغا يېقىنلىشىشى مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر