ھىندونېزىيەنىڭ جاۋا ئىشتاتىدىكى يەر تەۋرەشتە 46 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان

ھىندونېزىيەنىڭ غەربىي جاۋا ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن 5.6 بال يەر تەۋرەشتە ئەڭ ئاز دېگەندە 46 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، 700 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1908933
ھىندونېزىيەنىڭ جاۋا ئىشتاتىدىكى يەر تەۋرەشتە 46 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى (USGS) جىرانجاڭ شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 18 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا يەردىن 10 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا 5.6 بال يەر تەۋرىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

رايون مەسئۇلى خېرمان سۇخېرمەن يەر تەۋرەشتە ئەڭ ئاز دېگەندە 46 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىپ، 700 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يەر تەۋرەشتىن كېيىن، دېڭىز تاشقى ئاگاھلاندۇرۇشى بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر