ستولتېنبېرگ: رۇسىيە بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنى ئۇكرائىنالىقلار ئۆزى قارار قىلىشى كېرەك

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ئۇكرائىنالىقلارنىڭ بەدەل تۆلەۋاتقانلىقىنى، شۇڭا قاچان ۋە قانداق شەرتلەر ئاستىدا مۇزاكىرەلەرنى باشلاشنى ئۇكرائىنالىقلارنىڭ قارار قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

1906362
ستولتېنبېرگ: رۇسىيە بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنى ئۇكرائىنالىقلار ئۆزى قارار قىلىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ گوللاندىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋوپې خوئېسكرا (Wopke Hoekstra)، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كاجسا ئوللونگرېن (KajsaOllongren) بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ خېرسوندىكى مۇداپىئە سېپىنى دنىپرو دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىغا چېكىندۈرۈشىنىڭ ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئۇرۇش مەيدانىدىكى غەلىبە ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇكرائىنانى قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇش ئىستراتېگيەسىنى كۈچلەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «كۆپىنچە ئۇرۇشلار ئۈستەلدە ئاخىرلىشىدۇ، ئەمما ئۈستەلدىكىلەر پۈتۈنلەي ئۇرۇش مەيدانىدىكى غەلبىلەرگە باغلىق. ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغانسېرى مۇزاكىرەلەردە قولى شۇنچىلىك كۈچلۈك بولىدۇ» دېدى.

ئۇ «ئۇكرائىنا رۇسىيە بىلەن ئۈستەلدە ئولتۇرۇشى ئۈچۈن ياخشى پۇرسەتكە ئېرىشتىمۇ؟» دېگەن سوئالغا: «ئۇكرائىنالىقلار ئۇرۇشتا بەدەل تۆلەۋاتىدۇ. شۇڭا، قاچان ۋە قانداق شەرتلەر ئاستىدا مۇزاكىرەلەرنى باشلاشنى ئۇكرائىنالىقلار قارار قىلىشى كېرەك» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ «ئۇكرائىنا رۇسىيە بىلەن ئېھتىماللىقى بولغان مۇزاكىرەلەرنى باشلىغان ئەھۋالدا ناتونىڭ پوزىتسىيەسى قانداق بولىدۇ؟» دېگەن سوئالغا بولسا: «ئۇكرائىنا قوبۇل قىلىدىغان شەرتلەر شەكىللەنسە قوللايمىز. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئۇكرائىنانىڭ غەلىبىلىرىنى ئاشۇرۇش» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ ئاخىرىدا، ئۇكرائىنانىڭ قوللاشنىڭ داۋاملىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر