ئامېرىكادا جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن دېموكراتلارنىڭ رىقابىتى كەسكىن بولماقتا

ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىدا، دېموكراتلار ئاۋام پالاتاسىدا 47 ئورۇننى، جۇمھۇرىيەتچىلەر 82 ئورۇننى قولغا كەلتۈردى.

1904073
ئامېرىكادا جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن دېموكراتلارنىڭ رىقابىتى كەسكىن بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئۈچتىن بىرى بولغان 35 ئورۇن بىلەن ئاۋام پالاتاسىدىكى 435 ئورۇننىڭ ھەممىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىدا تاشلانغان ئاۋازلارنى ساناش ئىشلىرى داۋام قىلماقتا.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ (AP) بىرەسمىي نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاۋام پالاتاسى رىقابىتىدە جۇمھۇرىيەتچىلەر 82 ئورۇننى قولغا كەلتۈرگەن، دېموكراتلار بولسا 47 ئورۇنغا ئىگە بولغان.

جۇمھۇرىيەتچىلەر دېموكراتلار ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇۋاتقان ئاۋام پالاتاسىنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يەنە توققۇز ئورۇنغا ئىگە بولۇشى كېرەك.

ئامېرىكادا ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئاۋام پالاتاسى ۋە 100 كىشىلىك كېڭەش پالاتاسىدىكى 35 ئورۇن ئۈچۈن سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ.

كېڭەش پالاتاسىدا قايسى پارتىيەنىڭ ئۈستۈلۈككە ئېرىشىشىنى، بولۇپمۇ پېنسىلۋانىيە بىلەن جورجىيا ئىشتاتى بەلگىلەيدۇ. ھازىرقى ئەھۋالدا كېڭەش پالاتاسىدا 50 جۇمھۇرىيەتچى، 50 دېموكرات بار. 51 ئورۇنغا ئېرىشكەن پارتىيە، كونگرەنىڭ يۇقىرى قانىتىغا ئىگە بولىدۇ.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان نەتىجىلەرگە قارىغاندا، جۇمھۇرىيەتچىلەر ئوخايو ۋە شىمالىي كارولىنا ئىشتاتلىرىدا غەلىبە قىلغان. ھازىرچە جۇمھۇرىيەتچىلەر 17 ئورۇنغا، دېموكراتلار 10 ئورۇننى قولغا كەلتۈرگەن. ھازىر جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن دېموكراتلار 46 دىن ئورۇننى قولغا كەلتۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر