ئامېرىكادا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام باشلاندى

ئامېرىكا سايلىغۇچىلىرى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئىشتاتلارنىڭ ئىشتات باشلىقىنى، بەزى شەھەرلەرنىڭ باشلىقلىرىنى، ئاۋام پالاتاسىغا سايلىنىدىغان 435 ئەزانىڭ ھەممىسىنى، كېڭەش پالاتاسىنىڭ 100 نەپەر ئەزاسىنىڭ 35 نى سايلاش ئۈچۈن بېلەت تاشلايدۇ.

1903437
ئامېرىكادا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمى باشلاندى.  يېڭى ئېلان قىلىنغان ئەلرايى نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ كونگرەنىڭ تۆۋەن قانىتى بولغان ئاۋام پالاتاسىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىدىكەن. يۇقىرى قانات ھېسابلانغان كېڭەش پالاتاسىدا بولسا، قايسى پارتىيەنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن سايلام سەپەرۋەرلىك نۇتۇقىنى نىيۇ يوركتا سۆزلىدى. ئۇ بۇ قېتىمقى سايلامنى، «ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم سايلىمى» دېدى ۋە سابىق پىرېزىدېنت ترامپنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى.

سابىق پىرېزىدېنت ترامپ ئاخىرقى سايلام سەپەرلىك پائالىيىتىنى ئوخايو ئىشتاتىدا ئۆتكۈزدى.

ئۇ: «كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىنى قايتۇرۇۋالىمىز. ئاخىرىدا 2024-يىلى گۈزەل ئاقساراينى قايتۇرۇۇۋالىمىز. بۈگۈن بۇ سايلاملارنىڭ ئالدىغا ئۆتمەكچىمەن، 15-نويابىردا فلورىدا ساھىلىدا خۇش خەۋەر ئېلان قىلىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر