شىمالىي كورېيە دېڭىز چېگراسىدىكى بىتەرەپ رايونغا زەمبىرەك ئاتتى

جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسى شمالىي كورېيەنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز چېگراسى ئەتراپىغا تەخمىنەن 80 زەمبىرەك ئوقى ئاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1902185
شىمالىي كورېيە دېڭىز چېگراسىدىكى بىتەرەپ رايونغا زەمبىرەك ئاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا-جەنۇبىي كورېيە-ياپونىيە ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى جىددىيچىلىك، رايوندىكى بىخەتەرلىك ئەندىشەلىرىنى كۈچەيتىۋاتقان بىر پەيتتە، شىمالىي كورېيە بىر قېتىم خەتەرلىك قەدەم تاشلىدى.

جەنۇبىي كورېيەنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، شىمالىي كورېيەنىڭ تۈنۈگۈن (3-نويابىر) كېچىدە شۇ يەر ۋاقتى 23.28 ئۆتكەندە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز چېگراسىنىڭ شىمالىدىكى دېڭىزغا تەخمىنەن 80 زەمبىرەك ئوقى ئاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

زەمبىرەك ئوقلىرىنىڭ دېڭىز چېگرا لىنيەسىنىڭ شىمالىدىكى بىتەرەپ رايونغا چۈشكەنلىكى قەيت قىلىندى. بۇنىڭ، 2018-يىلى ئىككى كورېيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان چېگرالاردا ئۆزئارا توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىمزالانغان ھەربىي كېلىشىمگە خىلاپ ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

يېقىنقى كۈنلەردە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرى بىلەن كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان شىمالىي كورېيە، 2-نويابىردىمۇ (2022) كاڭۋوندىكى كوسوڭ رايونىدىن چېگرا لىنيەسىنىڭ شىمالىدىكى بىتەرەپ رايونغا تەخمىنەن 100 زەمبىرەك ئوقى ئاتقان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر