نورۋېگىيەدە بىر تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ 2 كىشى قازا قىلدى

نورۋېگىيەدە بىر تىك ئۇچارنىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 2 كىشى قازا قىلىپ، 1 كىشى ئېغىر يارىلاندى.

1900655
نورۋېگىيەدە بىر تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ 2 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى مەسئۇللىرى ۋېردال رايونىدا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، دەرھال ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالاقىدار مەسئۇللار تىك ئۇچاردىكى 3 كىشىدىن 2 نەپىرىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 1 نەپىرىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

ھادىسىنىڭ كىشىلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان رايون سىرتىدا، ھاۋارايىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن  يۈز بەرگەنلىكى، تىك ئۇچارنىڭ بىر قانچە قېتىم مۇۋەپپەقىيەتسىز قونۇشقا ئۇرۇنۇشتىن كېيىن چۈشۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن نورۋېگىيە ھاۋا ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ ھەمكارلىق ئورناتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر