رۇسىيە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە كونسۇلخانا ئاچىدۇ

رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالېكساندىر گرۇشكو، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە ياشاۋاتقان رۇسلار ئۈچۈن كونسۇلخانا ئېچىش مەقسىتىدە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى دائىرىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1899147
رۇسىيە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە كونسۇلخانا ئاچىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالېكساندىر گرۇشكو، ئەزەربەيجاننىڭ پايتەخت باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋېرونا ياۋروئاسىيا سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنى ئەسناسىدا، مۇخبىرلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە ياشاۋاتقان رۇسلار ئۈچۈن كونسۇلخانا ئېچىش مەقسىتىدە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى دائىرىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقلىرىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىلىك كەسپداشلىرىمىز بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتىمىز ۋە ئارالنىڭ شىمالىدا ياشاۋاتقان رۇسلارنى تېگىشلىك كونسۇلخانا مۇلازىمى بىلەن تەمىنلىشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، سۆھبەت جەريانىدا شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تەرىپىگە يەتكۈزدۇق. بۇ باسقۇچ داۋاملاشماقتا. بۇ مەسىلىدە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر