ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى: تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا مىسلىسىز ھەمكارلىق بار

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ كېڭىش ئىشلىرىغا مەسئۇل كومىسسارى ئولىۋېر ۋارخېلى تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭ سودا مۇناسىۋەتلىرى ۋە مىسلىسىز ھەمكارلىق بارلىقىنى ئېيتتى.

1898287
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى: تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا مىسلىسىز ھەمكارلىق بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سېلىنما مۇنبىرى، ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى يۇقىرى دەرىجىلىك سودا سۆھبەت يىغىنىدا تونۇشتۇرۇلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ كېڭىيىش ئىشلىرىغا مەسئۇل كومىسسارى ئولىۋېر ۋارخېلى، يىغىندا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ، ياۋروپانىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي ھەمراھى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نامزات دۆلەت ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى مۇھىم ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەمدە تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئىجابىي كۈنتەرتىپ بىلەن تۈركىيەگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ۋارخېلى، يېزا ئىگىلىك، كىلىمات ئۆزگىرىشى، كۆچمەنلەر ۋە ئاممىۋى ساغلاملىق  مەسىلىلىرىدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيە بىلەن تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدا سۆھبەت باشلايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالتىنچى چوڭ سودا ھەمراھى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بولسا تۈركىيەنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھى. ئۆتكەن يىلىلا سودا مىقدارى 157 مىليارد ياۋروغا يەتتى. تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭ سودا مۇناسىۋەتلىرى ۋە مىسلىسىز ھەمكارلىق بار.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر