ب د ت بېرمالىق پاناھلانغۇچىلارنى دۆلىتىگە مەجبۇرىي قايتۇرماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بېرمادىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسى سەۋەبىدىن باشقا دۆلەتلەردە پاناھلانغان پۇقرالارنى دۆلىتىگە مەجبۇرىي قايتۇرماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

1898252
ب د ت بېرمالىق پاناھلانغۇچىلارنى دۆلىتىگە مەجبۇرىي قايتۇرماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكەر تۈرك ب د ت ئارقىلىق مالايسىيادا پاناھلانغان 2 بېرما پۇجراسىنى 6 - ئۆكتەبىردە مەجبۇرىي چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش ۋەقەسى ئۈستىدە توختالدى.

ۋولكەر تۈرك بېرمالىقلارنىڭ ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن زوراۋانلىق، مۇقىمسىزلىق ۋە ئىقتىسادىي كرىزىسقا دۇچ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، «ھازىر ھېچكىشىنى بېرماغا ئەۋەتىدىغان ۋاقىت ئەمەس» دېدى.

ۋولكەر تۈرك باشقا دۆلەتلەردىن پاناھلىق تىلىگەن نۇرغۇن پائالىيەتچىلەرنىڭ ۋە بېرما ئارمىيەسىدىن قاچقانلارنىڭ ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇلغان تەقدىردە، ئېغىر خەتەرلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ۋولكەر تۈرك بېرمىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىنىڭ كۈنسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «بۇ ئەھۋالدا، دۆلەتلەرنىڭ پاناھلانغۇچىلارنى ئازاب ۋە خەتەرنىڭ ئىچىگە يوللىماي، ئۇلارغا قانۇنلۇق سالاھىيەت بېرىشى ئىنتايىن مۇھىم» دېگەن چاقىرىقتا بولدى.

ب د ت پاناھلانغۇچىلار ئالىي كومىسسارلىقى تەرىپىدىن تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتتا، يېقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدە يۈزلىگەن بېرمالىقلارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا مالايشىيادىن سۈرگۈن قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر