ھىندونېزىيەدە بىر يولۇچىلار كېمىسىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

ھىندونېزىيەنىڭ جەنۇبىدا بىر كېمىدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 14 ئادەم قازا قىلدى.

1897186
ھىندونېزىيەدە بىر يولۇچىلار كېمىسىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيە دائىرىلىرى، شەرقىي نۇسا تېڭگارا ئۆلكىسىنىڭ كۇپاڭ شەھىرىدىن كالاباھى شەھىرىگە قاراپ 230 يولۇچى ۋە 10 كىشىلىك كېمە مۇلازىمەتچىسىنى ئېلىپ يولغا چىققان KM Express Cantika 77 ناملىق بىر كېمىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ھىندونېزىيە دۆلەتلىك ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئىدارىسى بايانات بېىرپ، قۇتقۇزۇش ئەترىتى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى پاراخوتلار ئىشتىراك قىلغان ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمىتى نەتىجىسىدە 226 كىشىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى، ۋەقەدە 14 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر