بىلستروم: شىۋىتسىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيە بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىمىدىكى بارلىق شەرتلەرنى ئورۇندايدۇ

شىۋىتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توبىياس بىلستروم شىۋىتسىيەنىڭ يېڭى مەركىزى ئوڭچىل ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش مەسىلىسىدە ئىمزالىغان كېلىشىمىدىكى بارلىق شەرتلەرنى ئورۇندايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1897108
بىلستروم: شىۋىتسىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيە بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىمىدىكى بارلىق شەرتلەرنى ئورۇندايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋىتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توبىياس بىلستروم «Associated Press» ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ تۈركىيەنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ غا دائىر ئەندىشىلىرىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «پ ك ك غا كەلسەك، شىۋىتسىيە ھۆكۈمىتى ھېچ قانداق مەنىسىز پوزىتسىيەدە بولمايدۇ» دېدى.

بىلستروم يەنە مۇنداق دېدى: «بىز تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ شىۋىتسىيە تۇپرىقىدا ھەرىكەت قىلىش ھوقۇقى يوق، دېگەن سىياسەتنى تولۇق قوللايمىز»

ھەممە ئىشنىڭ چوقۇم قانۇنلۇق ۋە بىخەتەر قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن بىلستروم، «ئۈچ تەرەپ ئەھدىنامىسىدا يېزىلغان ۋە ئۈچ تەرەپ بىرلىككە كەلگەن بارلىق ئىشلار چوقۇم ھەرقايسى تەرەپلەر تەرىپىدىن ئورۇندىلىشى كېرەك» دېدى.

شىۋىتسىيە باش مىنىستىرى ئۇلف كىرىستېرسونمۇ 20 - ئۆكتەبىردە شىۋىتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى، ھەمدە بۇنىڭ تەقەززالىرىنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولغاندىن كېيىنمۇ ئورۇندايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

تۈركىيە، فىنلاندىيە ۋە شىۋىتسىيە تەرىپىدىن 28 - ئىيۇن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا ئۈچ تەرەپ ئەھدىنامىسى ئىمزالانغان بولۇپ، ئەھدىنامە دائىرىسىدە قۇرۇلغان دائىمىي بىرلەشمە مېخانىزىمنىڭ تۇنجى يىغىنى 26 - ئاۋغۇستتا فىنلاندىيەنىڭ ۋانتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر