ئىران زەنگەزۇرغا يېقىن جايغا كونسۇلخانا ئاچتى

ئىران، ئەزەربەيجاننى ناھچىۋان بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان زەنگەزۇر كارىدورىنىڭ پىلانلىنىۋاتقان ئۆتۈش يولىغا يېقىن يەردىكى ئەرمېنىيە شەھىرى كاپاندا كونسۇلخانا ئاچتى.

1896265
ئىران زەنگەزۇرغا يېقىن جايغا كونسۇلخانا ئاچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرمېنىيەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان كاپان شەھىرى، ئەزەربەيجاننى ناھچىۋانغا تۇتاشتۇرىدىغان زەنگەزۇر كارىدورىنىڭ پىلانلانغان لىنىيەسىگە يېقىن يەردە بولۇپ، ئىرانغا چېگراداش كېلىدۇ.

گەرچە زەنگەزۇر بىر چاغلاردا مۇسۇلمان تۈركلەر ياشايدىغان تارىخىي ئەزەربەيجان زېمىنى بولسىمۇ، 1920-يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئەرمېنىيەگە قوشۇۋېتىلگەن بولۇپ، ھازىرغىچە ئەرمېنىيە چېگراسى ئىچىدە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. زەنگەزۇرنىڭ ئەرمېنىيەگە بېرىۋېتىلىشىدىن كېيىن، ئەزەربەيجان ناخچىۋان بىلەن بولغان قۇرۇقلۇق ئالاقىسىنى يوقىتىپ قويدى.

ناھچىۋان بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ غەربىي قىسىملىرىنىڭ بىۋاسىتە قۇرۇقلۇق چېگراسىنىڭ بولماسلىقى، باكۇ ھۆكۈمىتىگە ئىزچىل قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى. ئەزەربەيجاننىڭ ئەرمېنىيە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى تاغلىق قاراباغ رايونى ئازاد قىلىنغان 2020 - يىلىدىكى 44 كۈنلۈك ئۇرۇشتىن كېيىن ئىمزالانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ 9-ماددىسى، رايوندا قۇرۇلىدىغان قاتناش كارىدورى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولدى.

ئەرمېنىيە بولسا، ھەر خىل باھانە – سەۋەبلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەنگەزۇر كارىدورى كېلىشىمىنى يولغا قويۇشتىن ئۆزىنى تارتىپ كەلمەكتە. تېھران ھۆكۈمىتى بۇ جەھەتتە ئەرمىنىيەنى قوللىماقتا.

ئەزەربەيجان بولسا، ئاۋىياتسىيە ۋە تۆمۈر يول قاتنىشى يولغا قويۇلىدىغان زەنگەزۇر كارىدورى كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئۆز زېمىنىدىكى قۇرۇلۇشلارنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر