ئېكۋاتوردا كىچىك ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

ئېكۋادوردا كىچىك تىپتىكى بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ 2 ئادەم قازا قىلدى، 1 ئادەم يارىلاندى.

1895414
ئېكۋاتوردا كىچىك ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئېكۋادورنىڭ گۇياكۇيىل شەھىرىدە 3 كىشى ئولتۇرغان كىچىك تىپتىكى خۇسۇسىي بىر ئايروپىلان كونترولدىن چىقىپ ئولتۇراق رايونغا سوقۇلۇپ كەتكەن.

قازادا، ئايروپىلاندىكى 2 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئۇچقۇچى ئېغىر يارىلانغان.

نەق مەيداننى زىيارەت قىلغان شەھەر باشلىقى سىنتىيا ۋىتېرى، ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن جايدا ھېچكىمنىڭ يوقلۇقىنى، بىرقانچە ئۆيدە ماددىي زىيان كۆرۈلگەنلىكىنى، توك تۈۋرۈكلىرىنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشى سەۋەبىدىن ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى بايان قىلغان.

قازادىن كېيىن، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈش باشلانغان.

00



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر