ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى لىز تراس باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.

1895597
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تراس، 10-نومۇرلۇق باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆزىنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىقتىسادىي ۋە خەلقئارالىق مۇقىمسىزلىق پەيتىدە ۋەزىپىگە ئولتۇرغانلىقىنى، ئائىلىلەر ۋە كارخانىلارنىڭ تالونلىرىنى قانداق تۆلەيدىغانلىقلىرى توغرۇلۇق ئەندىشىلىك ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

بۇنى ئۆزگەرتىش ھوقۇقى بىلەن بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى بايان قىلغان تراس، ھازىرقى ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىيالمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

ئىستېپانامىسىنى سۇنۇش ئۈچۈن ئەنگلىيە پادىشاھى 3 – چارلېس بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتقان تراس، پارتىيە ئىچىدە كېلەر ھەپتە رەھبەرلىك سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ۋە يېڭى باش ۋەزىر سايلانغانغا قەدەر، ۋەزىپە ئۆتەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر