ئۇكرائىنا پارلامېنتى ئىچكېريا چېچەنىستان جۇمھۇرىيىتىنى «ۋاقىتلىق بېسىۋېلىنغان زېمىن» دەپ قوبۇل قىلدى

ئۇكرائىنا پارلامېنتى، ئىچكېريا چېچەن جۇمھۇرىيىتىنى «رۇسىيە تەرىپىدىن ۋاقىتلىق ئىشغال قىلىۋېلىنغان» زېمىن دەپ ئېتىراپ قىلدى.

1894684
ئۇكرائىنا پارلامېنتى ئىچكېريا چېچەنىستان جۇمھۇرىيىتىنى «ۋاقىتلىق بېسىۋېلىنغان زېمىن» دەپ قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پارلامېنتىنىڭ مالىيە، باج ۋە تاموژنا سىياسەتلىرى كومىتېتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى ياروسلاۋ يېلېزنىياك تېلېگرامما قانىلىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «ئۇكرائىنا پارلامېنتى ئىچكېريا چىچەن جۇمھۇرىيىتىنىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تەرىپىدىن ۋاقىتلىق ئىشغال قىلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى ۋە چېچەن خەلقىگە يۈرگۈزۈلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلەشنى قوللىدى» دېدى.

ئۇ يەنە، 287 ۋەكىلنىڭ بۇ قارارنامەنى قوللاپ بېلەت تاشلىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىچكېريا چېچەن جۇمھۇرىيىتى 1991-يىلى شىمالىي كاۋكازدا جەۋھەر دۇدايېف تەرىپىدىن مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغانىدى. رۇسىيە 1999-2000-يىللىرىدىكى ئۇرۇشتىن كېيىن كىرگەن رايون، چېچېنىيە جۇمھۇرىيىتى دېگەن نام بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قارىتىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر