ياۋروپا سىياسىي ئورتاق گەۋدىسى يىغىنىغا 44 دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى ئىشتىراك قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلېز پىراگادا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا سىياسىي ئورتاق گەۋدىسى يىغىنىنىڭ باشلىنىشىدا سۆز قىلدى.

1889508
ياۋروپا سىياسىي ئورتاق گەۋدىسى يىغىنىغا 44 دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى ئىشتىراك قىلدى
Charles Michel.jpg
zelenskiy.jpg
Mark Rutte.jpg
Aleksandar Vucic.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلېز مىشېل چېخىيە پايتەختى پىراگادا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا سىياسىي ئورتاق گەۋدىسى يىغىنىدا، ياۋروپادا مۇقىملىق، خەۋپسىزلىك، تىنچلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيەنى قانداق كۈچەيتىش مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «مەن ئىنتايىن ئۈمىدۋار، چۈنكى يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان 44 دۆلەتنىڭ ئىشتىراك قىلىش قارارى، تۇنجى ئىجابىي سىگنال» دېدى.

گوللاندىيە باش مىنىستىرى مارك رۇتتې: «24-فېۋرالدىن تارتىپ داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش، قىتئەمىزدە تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى سەل چاغلىماسلىق كېرەكلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، دېموكراتىيەمىز ۋە ئورتاق قىممەت قاراشلىرىمىزنىڭ قوغدىلىشى كېرەكلىكىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ پەقەت ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭلا ۋەزىپىسى ئەمەس. بارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرى كوردىناتسىيە ھالىدا كۈچلۈك جاۋاب بېرىشى كېرەك» دېدى.

گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كرىياكوس مىچوتاكس ياۋروپا سىياسىي ئورتاق گەۋدىسى يىغىنىنىڭ ئورتاق بىخەتەرلىك ۋە پاراۋانلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، قىتئەدىكى بارلىق دۆلەتلەرنى بىر يەرگە جەم قىلغان يېڭى مۇنبەر بولغانلىقىنى ئېيتتى.

سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندار ۋۇجىج رۇسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزمىگەنلىكلىرى ئۈچۈن سېلىنغان تەھدىتلەردىن قورقمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «پىراگاغا يۈزۈم ئاق كەلدىم. ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىگە مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە ئەستايىدىلىق بىلەن مۇۋاپىق جاۋاب بېرىمەن» دېدى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز ياۋروپا دۆلەتلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلغان ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا سىياسىي ئورتاق گەۋدىسىگە «چوڭ يېڭىلىق» دەپ باھا بەردى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي يىغىنغا سىنلىق شەكىلدە قاتنىشىپ: «پىراگادا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا سىياسىي ئورتاق گەۋدىسى يىغىنى ياۋروپادا تىنچلىقنى ئورنىتىش ئۈچۈن پۇرسەت. رۇسىيەگە قارشى ئۇرۇشتا چوقۇم غەلبە قىلىشىمىز كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر