مىدىللى ئارىلى تەۋەلىكىدە ئىككى مۇساپىرلار كېمىسى غەرق بولۇپ كېتىپ نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى
گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىدە كېمىسى غەرق بولۇپ كەتكەن 15 مۇساپىر قازا قىلدى.
1889045
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى، ئىككى مۇساپىرلار كېمىسى غەرق بولۇپ كېتىپ نۇرغۇن كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، ھازىرغىچە 15 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغانلىقى، قالغان مۇساپىرلارنىڭ ئىز – دېرىكىنى قىلىش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
كېمىلەردە 40 ئەتراپىدا مۇساپىر بولۇشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلەنمەكتە.