رۇسىيەدە سەپەرۋەرلىك رامكىسىدا 200 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قوراللاندۇرۇلغان

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ ئېلان قىلىنغان سەپەرۋەرلىك رامكىسىدا 200 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ قوراللاندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1888293
رۇسىيەدە سەپەرۋەرلىك رامكىسىدا 200 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قوراللاندۇرۇلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ ھەربىي مەسئۇللار بىلەن ئاچقان يىغىندا، رۇسىيەدە ئۆتكەن ئاي ئېلان قىلىنغان قىسمەن سەپەرۋەرلىك توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئۇ: «بۈگۈنگىچە 200 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قوراللاندۇرۇلدى» دېدى.

ئۇ قوراللاندۇرۇلغان كىشىلەر ئارىسىدا پىدائىيلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، 80 رايون ۋە ئالتە ھەربىي تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «ئەسكەرلەر زۆرۈر تەربىيەلىنىشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىلىشى، سەپەرۋەرلىك باسقۇچى كونترول ئاستىدا تۇتۇلۇشى كېرەك» دېدى.

ئۇ رۇسىيەدە مەجبۇرىي ئەسكەرلىككە ئېلىش ۋاقتىنىڭ نويابىردا باشلىنىدىغانلىقىنى، بۇ مەزگىلدە يەنە 120 مىڭ كىشىنىڭ ئەسكەرلىككە ئېلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئەسكەرلىككە ئېلىنغانلار، ئالاھىدە ھەربىي ھەربىي قىسىمغا تەۋە بولمىغان قىسىملارغا ئەۋەتىلىدۇ.»

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن 21-سېنتەبىر قىسمەن سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلغان ئىدى. سېرگېي شويگۇ ئۇ ۋاقىتتا، 300 مىڭ زاپاس ئەسكەرنىڭ ئەسكەرلىككە چاقىرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر