شولز: پۇتىن خاتالىقنىڭ ئۈستىگە خاتالىق ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئېلان قىلغان قىسمەن سەپەرۋەرلىك قارارىنىڭ «ئالاقزادىلىك بىلەن چىقىرىلغان قارار» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1885848
شولز: پۇتىن خاتالىقنىڭ ئۈستىگە خاتالىق ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز بايانات ئېلان قىلىپ، پۇتىننىڭ قىسمەن سەپەرۋەرلىك قارارى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ: «بۇ رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى مۇۋەپپەقىيەتسىزلىكلىرىگە قارشى ئالاقزادىلىك بىلەن قايتۇرۇلغان ئىنكاسى. بۇ ئەھۋال رۇسىيەدە ئېغىر خاتىرجەمسىزلىك پەيدا قىلىدۇ. پۇتىن خاتالىقنىڭ ئۈستىگە خاتالىق ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ 24-فېۋرالدىن (2022) تارتىپ داۋاملىشىۋاتقان ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن رۇسىيەگە قارشى يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولار توغرىسىدا مۇنداق دېدى:

«ئېمبارگولار ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولدى. ئېمبارگولارنىڭ مەقسىتى رۇسىيە ھۆكۈمىتىگە ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ پۈتۈنلەي مەنىسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش.ۋلادىمىر پۇتىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ، ئاندىن كىيېۋ بىلەن بولغان سۆھبەتكە ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق بۇ ئۇرۇشنى دەرھال ئاخىرلاشتۇرالىشى مۇمكىن.»

ئۇ ئۇكرائىنادا ۋەزىيەتنىڭ ناھايىتى جۇشقۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھەر دائىم ئۇكرائىنانىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «بىز ئۇكرائىناغا بەرگەن قوراللارنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى. مەن بەزىدە بەزى تەنقىدچىلەرنىڭ بىز ئۇكرائىناغا پەقەت قالپاقلا بېرىدىغاندەك گەپ قىلىشىدىن ھەيران قالىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر