ب د ت: ئۇكرائىنا زېمىنلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇملار «قانۇنىي» ئەمەس

ب د ت ئۇكرائىنادىكى رۇسىپەرەس بۆلگۈنچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلاردا ئۆتكۈزۈلگەن رېفېرادۇملارنىڭ، خەلقئارا قانۇنغا كۆرە «قانۇنىي» ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

1885631
ب د ت: ئۇكرائىنا زېمىنلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇملار «قانۇنىي» ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت سىياسىي ۋە تىنچلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپ روسېمارى دىكارلو (RosemaryDicarlo) ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان زېمىنلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇملارنىڭ خەلقئارا قانۇنغا كۆرە «خەلق ئىرادەسىنىڭ ئەمەلىي ئىپادىلىنىشى» ياكى «قانۇنىي» ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بايانات ئېلان قىلىپ: «خەلقنىڭ ئىرادەسىگە ۋەكىللىك قىلغانلىقىنى دەۋا قىلغان ۋاقىتتا، بىر دۆلەتنىڭ زېمىنلىرىنىڭ باشقا دۆلەت تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئىگەللىۋېلىنىشىنى قانۇنلۇق سالاھىيەتكە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلغان بىر تەرەپلىمە ھەرىكەتلەر، خەلقئارا قانۇنغا كۆرە قانۇنلۇق دەپ قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېدى.

ب د ت نىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا، بىرلىكىگە، مۇستەقىللىقىغا ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە داۋاملىق ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، رۇسىيەدىن ئۇكرائىنادىكى رۇسىيەپەرەس بۆلگۈنچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلاردا ئۇكرائىنا قانۇنلىرىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى لىندا توماس گىرىنفېلد(LindaThomasGreenfield) خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە مەزكۇر رېفېراندۇملارنى ئەيىبلىگەن قارار لايىھەسى سۇنىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ رۇسىيە قارار لايىھەسىنى رەت قىلغان ئەھۋالدا بولسا، ئامېرىكانىڭ قارارنى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە سۇنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە قارىتا قىلغان سۆزىدە، ئاتالمىش رېفېراندۇملارنىڭ «زېمىن بۇلاش ۋە خەلقئارا قائىدە-پىرىنسىپلارنى يوقىتىش قىلمىشى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، رۇسىيەنى خەلقئارالىق جەمئىيەتلەردىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋىتىشنى چاقىرىق قىلدى.

ئۇ رۇسىيە ئىشغال قىلىۋالغان ئۇكرائىنا زېمىنلىرىنى «ساختا رېفېراندۇم» بىلەن ئۆزىگە قوشۇۋالغان ئەھۋالدا، بۇنىڭ پۇتىن بىلەن سۆزلىشىدىغان ھېچنىمە قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئىرقىي قىرغىنچىلىق سياسىتى يۈرگۈزگەن رۇسىيە، دۇنيانى يادرو ئاپىتىگە بىر قەدەم يېقىنلاشتۇردى.»

ئىسىرائىلىيەمۇ ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، رۇسىيەپەرەس بۆلگۈنچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلاردا ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇملارنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇكرائىنادىكى رۇسيەپەرەس بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئاتالمىش دونېتسك ۋە لۇخانسك خەلق جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن رۇسىيە ئارمىيەسى بېسىۋالغان خېرسون ۋە زاپورىژيا رايونلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇملاردا «رۇسىيەگە قوشۇلۇش» قارارى چىققان ئىدى.

رۇسىيەنىڭ مەزكۇر رايونلارنى قوشۇۋالىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. يەنە بىر تەرەپتىن، رۇسىيە دائىرىلىرى رۇسىيە زېمىنى دەپ قوبۇل قىلىنىدىغان رايونلارنىڭ مۇداپىئەسى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكىنى تىلغا ئالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر