باڭلادىشتا كېمە قازاسى يۈز بېرىپ 51 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى

باڭلادىشتا بىر فېستىۋالغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بۇتخانىغا قاراپ يولغا چىققان كىشىلەر ئولتۇرغان كېمە كاراتويا دەرياسىدا غەرق بولۇپ كېتىپ 51 ئادەم قازا قىلدى.

1884983
باڭلادىشتا كېمە قازاسى يۈز بېرىپ 51 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار تارماقلار، نورمىدىن ئارتۇق ئادەم ئولتۇرغانلىقى ئۈچۈن غەرق بولۇپ كەتكەن كېمىدىكىلەردىن 51 كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلغانلىقىنى ۋە 25 ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكىنىڭ يوقلۇقىنى جەزملەشتۈردى.

ساقچى خادىملىرى ئالدىنقى كۈنى دۇرگا پۇخا بايرىمى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مايالايا پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بەدەشۋار بۇتخانىسىغا قاراپ يولغا چىققان كىشىلەر ئولتۇرغان كېمىنىڭ پانچاگاردىكى كاراتويا دەرياسىدا غەرق بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر