رۇسىيەدىكى بىر مەكتەپتە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

رۇسىيەگە قاراشلىق ئۇدمۇرتيا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىزېۋىسكى شەھىرىدە كىملىكى ئېنىقسىز بىر كىشىنىڭ بىر مەكتەپكە قوراللىق ھۇجۇم قىلىپ، 13ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكى، 21 ئادەمنى يارىلاندۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1884538
رۇسىيەدىكى بىر مەكتەپتە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، كىملىكى نامەلۇم بىر كىشىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇدمۇرتيا جۇمھۇرىيىتى ئىزېۋسك شەھىرىدىكى 88 - نومۇرلۇق مەكتەپكە قوراللىق ھۇجۇم قىلىپ، يەتتە بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى،  14 بالىنى قوشقاندا جەمئىي21 ئادەمنى يارىلاندۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكى، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىگىلىنىشىچە، ھۇجۇمچى ۋەقەدىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر