رۇسىيەدە ھەربىي سەپەرۋەرلىكتىن قاچقانلارنىڭ جازاسى بىر ھەسسە ئاشۇرۇلدى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ھەربىي سەپەرۋەرلىك ۋەزىپىسىدىن قاچقانلارغا قارىتىلغان تۈرمە جازاسىنى ئاشۇرۇش قارارنامىسىغا ئىمزا قويدى.
1884083
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قارارنامىغا بىنەئەن دۈشمەن ئارمىيەسىگە ئۆزلۈكىدىن تەسلىم بولغان ئەسكەرلەرگە 10 يىللىق قاماق جازاسى، ئۇرۇش مەزگىلىدە بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلارغا 15 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىدىغان بولدى.
قارارنامە ئارقىلىق سەپەرۋەرلىك جەريانىدا ھەربىي مەجبۇرىيەتتىن قېچىشنىڭ جازاسى ئەسلىدىكى 5 يىلدىن 10 يىلغا ئۆستۈرۈلدى.
پۇتىن ئىمزالىغان يەنە بىر قارارنامىدە بولسا، رۇسىيە ئارمىيەسىدە 1 يىلدىن ئارتۇق توختاملىق ۋەزىپە ئۆتىگەن چەتئەل پۇقرالىرىنىڭ رۇسىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشىش جەريانى ئاسانلاشتۇلدى.
مەزكۇر قانۇن لايىھىسى ئالدىنقى ھەپتە رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى دۇما تەرىپىدىن، ئاندىن فېدېراتسىيە كېڭىشى تەرىپىدىن تەستىقلانغان ئىدى.