ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەنىڭ كونتروللۇقىدىكى تۆت رايونىدا ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى باشلاندى

ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رۇسىيە تەرەپدارى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى تۇرۇۋاتقان تۆت رايوننىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشى مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى باشلاندى.

1883608
ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەنىڭ كونتروللۇقىدىكى تۆت رايونىدا ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رۇسىيە تەرەپدارى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئاتالمىش دونېتسكى، لۇخانىسكى جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن خېرسون ۋە زاپاروژيا رايونلىرىنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشى مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى باشلاندى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن نەتىجىسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى 27 - سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدۇ.

ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبا، ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «ساختا ئەلرايى تەكشۈرۈشى ھېچنىمىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ» دېگەنىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى بەزى جايلىرىدا بىر تەرەپلىمە ھالدا ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشە قىلماقتىمىز» دېگەنىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بولسا، ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىشى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى نەتىجىسىدە رۇسىيەنىڭ مەزكۇر رايونلارنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. ئەمما، رۇسىيە ئەمەلدارلىرى، بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدىن كېيىن رۇسىيە زېمىنىغا ئايلىنىدىغان رايونلارنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك يادرو قوراللىرىنى ئىشقا سېلىش ئېھتىمالى بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر