ياۋروپا رۇسيەگە قارشى يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈشى قارار قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ قىسمەن سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلىشى ۋە يادرو قورالى ئىشلىتىش تەھدىتى سالغاندىن كېيىن، رۇسىيەگە قارشى يېڭى ئېمبارگو پىلانى تۈزۈشنى ۋە ئۇكرائىناغا تېخىمۇ كۆپ قورال ياردەم قىلىشنى قارار قىلدى.

1883128
ياۋروپا رۇسيەگە قارشى يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈشى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل 77-قېتىملىق ب د ت ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن نىيۇ يوركقا كەلگەن ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى «جىددىي ۋە مەخسۇس» يىغىنغا چاقىردى.

ئۇ يىغىندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دمىترو كۇلېبانىڭمۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلىپ، يېڭى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «پۇتىننىڭ ئۇكرائىنانى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ناھايىتى ئېنىق. ھەربىي جەھەتتىن مۇۋەپپەقىيەتسىز بولغانلىقى ئۈچۈن بىر دۆلەتنى ئوخشىمىغان يوللار بىلەن يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ رۇسىيەدە قىسمەن سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلىنغانلىقىنى، ئىشغال قىلىنغان ئۇكرائىنا زېمىنلىرىدا قانۇنسىز رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈشنىڭ پىلان قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، رۇسىيەنىڭ يادرو قورالىغا ئوخشاش كەڭ قىرغۇچى قوراللارنى ئىشلىتىش توغرىسىدا تەھدىت سالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ دۇنيا تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سالغانلىقىنى، بۇنىڭ يېمەك-ئىچمەك ۋە ئېنېرگىيە باھاسىنى ئۆرلىتىپ ناھايىتى ئېغىر بولغان دۇنيا خاراكتېرلىك يامان ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«رۇسىيەگە قارشى دەرھال قوشۇمچە چەكلەش تەدبىرلىرى تەكلىپ قىلىنىدۇ. بۇ ئېمبارگولار باشقا شېرىك دۆلەتلەر بىلەن ماس ھالدا تەييارلىنىدۇ. ئۇكرائىنا قانۇنلۇق ھالدا ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئۇكرائىنا خەلقئارا ئېتىراپ قىلغان چېگرالىرى ئىچىدىكى ئىشغال قىلىۋېلىنغان زېمىنلىرىنى ئازاد قىلالايدۇ. بىز ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنى قوللاشنى ۋە ھەربىي ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

ئۇ رۇسىيەگە قارشى يېڭى ئېمبارگولارنى بېكىتىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ: «ھەم كىشىلەرگە قارىتىلغان ھەمدە شىركەت-كارخانىلارنى نىشان قىلغان ئېمبارگولارنى يۈرگۈزىمىز» دېدى.

ئۇ رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ ئوخشىمىغان قىسىملىرىغا تەسىر قىلىدىغان ئېمبارگو پىلانى تەييارلايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، دائىرىسىنىڭ تېخنولوگىيە ۋە يېڭى كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر